«كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى 27-فېۋرال كۈنى كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى مارك مىللېر (Marc Miller) بىلەن كۆرۈشۈپ، كاناداغا كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك رەسمىيەتلىرىنى تېزلىتىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە فېيسبوك ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مىنىستىر مارك مىللېر 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كانادا پارلامېنتى ھەم كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتاق قارارى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ياكى كېچىكىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىقىپ، 3-دۆلەتتە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 10 مىڭ كىشىنىڭ كاناداغا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قانۇن لايىھەسى 2023-يىلى 2-ئايدا كانادا پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغانىدى. 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى كانادا ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى 2024 يىلى 1-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى (Sameer Zuberi) بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق مۇساپىرلىرىنىڭ كاناداغا كۆچمەن بولۇشىغا كېتىدىغان ئىقتىساد (خامچوت) نىڭ تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مەمەت توختى ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا ئېلىپ كېلىش ئىجرائات ئىشلىرىنىڭ 2024-يىلى 1-ئايدا باشلىنىدىغانلىقىنى، دەسلەپكى قەدەمدە بىر نەچچە مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئالدىمىزدىكى 4-5-ئايلاردا كاناداغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.