خىتاي ھۆكۈمىتى 24-دېكابىر كانادانىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان كانادا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، كانادانىڭ خۇاۋېي تېخنىكا شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى مىڭ ۋەنجونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭ ئالدىدا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستيا فرېلاند بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان 2 نەپەر كانادا پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشكە، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. كرىستىيا فرېلاند ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا خىتاينىڭ 2 نەپەر كانادا پۇقراسىنى تۇتقۇن قىلىشى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتكە يامان ئۈلگە يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە كانادانىڭ خەلقئارا كېلىشىملەرگە خۇسۇسەن ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مىڭ ۋەنجو ۋەقەسىدە قانۇن-بەلگىلىمە ۋە سوت ئىشلىرىدا مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقى، بۇ دېلونى سىياسىيلاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادا بۇ يىل 1-دېكابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش بوغالتىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى مىڭ ۋەنجونى قولغا ئالغان. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىككى كانادا پۇقراسىنى تۇتقۇن قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا كرىستىيا فرېلاند بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكىمۇ خىتايدىن كانادا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن ياپونىيە NHK نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن كانادادىن خىتاينىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە كانادانىڭ «خاتالىقىنى تۈزىتىپ، مىڭ ۋەنجو دەرھال قويۇپ بېرىش» كە، ئامېرىكىنىڭ مىڭ ۋەنجونى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.
ھالبۇكى، ئامېرىكا ئەدلىيە ئورگانلىرى مىڭ ۋەنجۇنى ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنى تۇتقۇن قىلىشى مىڭ ۋەنجونىڭ قولغا ئېلىنىشىغا قارىتا ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.