يۈزلىگەن ئامما كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھرىدە نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2020.10.19
18-ئۆكتەبىر كۈنى يۈزلىگەن ئامما كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھرىدە نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ۋەھشى مۇئامىلىسىگە نارازلىق بىلدۈرگەن. قولىدا «3 مىليون ئۇيغۇر تۇتقۇن لاگېرلىرىدىن قويۇپ بېرىلسۇن»، «خىتاينى بايقۇت قىلايلى» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار ۋانكۇۋېر سەنئەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئالدىدا توپلۇنۇپ، بۇ يەردىن خىتاي كونسۇلخانىسىغا يۈرۈش قىلغان. «ھىندىستان بلۇمىز» ناملىق تور گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نامايىش ۋانكوۋېردىكى «كانادا-ھىندىستان دوستلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشچىلىقىدا تىبەت، دېموكراتىك خىتاي ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ۋە جامائەتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانىكەن.
بۇ مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ۋانكوۋېردا خىتايغا قارشى 2-قېتىم بۇ خىل نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشىدۇر. نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى ئەيىپلىگەن. «كانادا-ھىندىستان دوستلىرى» تەشكىلاتىنىڭ مەسۇلى مانىندېر گىل سۆزىدە خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاينىڭ مەسۇلىيەتسىز ۋە دىكتاتورلۇق قىلمىشى» نى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
بۇ نامايىش كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تېرۇدو ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى تەھدىت ۋە «مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى» گە تېز پۈكمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن. تېرۇدو سوزىدە كانادانىڭ ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنى داۋاملىق تىلغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «كانادا-ھىندىستان دوستلىرى» تەشكىلاتى ئۆتكەن ئايدىمۇ خىتاينىڭ ۋانكوۋېردىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ خوڭكوگن نامايىشچىلىرىنى باستۇرغانلىقىنى، ھىندىستانغا تەھدىت سېلىۋاتقنالىقىنى ئەيىبلىگەنىدى.