خىتاينىڭ كانادادىكى سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.06.01

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي كوزىر ئارقىلىق كانادا تەۋەسىدە سىڭىپ كىرىشنى جىددىيلەشتۈرۈشى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.

«يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ 31-مايدىكى باش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بولغان «كانادا-خوڭكوڭ ئىتتىپاقى» يېقىندا تەييارلىغان دوكلاتتا «كانادادىكى بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹سىياسىي ئارتىستلىرى› ۋە خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولى مەۋجۇت» دېيىلىدۇ.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ بىرلىكسەپ تارماقلىرىغا قاراشلىق شەخسلەرنىڭ قوماندانلىقىدا كانادا تەۋەىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ يىغىلىشلىرى، نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى «پەردە ئارقىسىدىن باشقۇرۇۋاتقان» كىشىلەرنىڭ تەھدىتلىرى ياكى پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان.

بۇنىڭدا ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە «موھتاج» بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھالدا خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىش پائالىيىتىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش بولماقتا ئىكەن. «خەۋەرلەر» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كانادا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مۇشۇ ئەھۋالى كەسكىن تەنقىدلىنىپ «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىتايدىن ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشىشى ئەمەلىيەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتكە شېرىك بولغانلىققا باراۋەر» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك كانادا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ خىتاي پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئاقىۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋاسىتىلىك ھالدا ياردەم بېرىش بولۇپ قالىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.