بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كارىز قۇرۇلۇشىنى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى» تىزىمىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كارىز قۇرۇلۇشىنى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى» تىزىمىگە ئىلتىماس قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.

بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا چىقارغان تۇرپان خەلق ۋەكىلى رىزۋانگۈل كامال بېيجىڭدىكى يىغىندا مۇنداق دېگەن: «تۇرپاندا ئەسىرلەردىن بۇيان خەلق ئىگىلىكى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ كەلگەن كارىزلار ھازىر قۇرۇپ كېتىش ۋە تامامەن يوقاش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. كارىزلارنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.»

مەلۇمكى، كارىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان ئەڭ ئۇلۇغ ئىختىرالىرىدىن بىرى. ئىقلىمى قۇرغاق، سۇ مەنبەسى ئاز بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا، بولۇپمۇ تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدا ئۇيغۇر ئەجدادلىرى كارىزدىن ئىبارەت يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ئەسىرلەر بويى پايدىلىنىپ كەلگەن.

ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندە، تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدىكى نېفىت بايلىقىنىڭ شىددەت بىلەن قېزىلىشى نەتىجىسىدە يەر قاتلىمىدا چۆكۈش يۈز بەرگەن. مۇزلۇقلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ ئازىيىشى ھەمدە قۇدۇقلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق قېزىلىشى نەتىجىسىدە كارىز سۇلىرى قۇرۇشقا يۈز تۇتقان.

كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللەر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاللىقاچان قۇرۇپ كېتشكە يۈز تۇتقان كارىزلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ساقلاپ قېلىش قىيىن، دەپ قارىماقتا.