يەكشەنبە كۈنى ئىسپانىيە تەۋەسىدىكى كاتالونىيەدە رايوننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئىسپانىيە ساقچى تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.
ئىسپانىيە ساقچىلىرىنىڭ كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، ساقچى تەرەپ نامايىشچىلارغا قارشى رېزىنكە ئوق ئىشلەتكەن ۋە توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 460 ئادەم يارىلانغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاتالونىيە ھۆكۈمىتى 1-ئۆكتەبىر كۈنى كاتالونىيە رايونىنىڭ داۋاملىق ئىسپانىيە تەركىبىدە قېلىش ياكى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش، يەنى رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئەمما ئىسپانىيە ھاكىمىيىتى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان شۇنىڭدەك ئىسپانىيە سوتى بۇنى قانۇنسىزلىق دەپ قاراپ چەكلىگەن. ئىسپانىيە ساقچىلىرى يەنە ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش، يەنى، رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بىر قىسىم كاتالونىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، رېفېرېندۇمغا توسقۇنلۇق قىلغان. بۇ ئەھۋال بىر قانچە مىڭ كىشىلىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ۋەھالەنكى، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىمىغان بەزى بېلەت تاشلار ئورۇنلىرىدا داۋاملىشىۋەرگەن.
كاتالونىيە ئىسپانىيە تەركىبىدىكى كاتالون مىللىتىنىڭ ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى بولۇپ، نوپۇسى 7 مىليوندىن ئاشىدىغان مەزكۇر ئاپتونوم ھۆكۈمەتتە 2014-يىلى، بىر قېتىم رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 2015-يىلى كاتالونىيە پارلامېنت سايلىمىدا مۇستەقىللىق تەرەپدارىدىكىلەر يېرىمدىن ئاشقان ئىدى. بۇ يىل، 1-ئۆكتەبىر كۈنى كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇپ، جۇمھۇرىيەت شەكلىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش بەلگىلەنگەن.