خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش داۋاملاشماقتا

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 29-مارت كۈنى 2021- ۋە 2022-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» دا داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، سىياسىي زۇلۇم، جىسمانىي قىيناش، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلات 2019-يىلدىن 10-ئايدىن 2021-يىل 5-ئايغىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە ئادەم تۇتۇش، خالىغانچە قىيناش، خالىغانچە ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن پاكىتلارنى توپلىغان بولۇپ، بۇلار خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە ئۇيغۇر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ باشقا جايغا يۆتكەلگەنلىكى، بىر قېتىم تۇتۇلغانلارنىڭ قايتا تۇتۇلغانلىقى، نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئاز دېگەندە بىر ياكى بىر نەچچە كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئىسپاتلار توپلىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان مىليونلارچە ئۇيغۇرنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولاپ قىيناپ، چوڭلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە خىتاي ئېڭى، پارتىيە ئېڭىنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ كەڭ-كۆلەمدە ئىرقىي، دىنىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇ جىنايەتلەرنى بار كۈچى بىلەن يوشۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەنىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 8-مارت كۈنى ئۆز تور بېتىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشقا 200 نەچچە تەشكىلات-ئورگان بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىنى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.