خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى رامىزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.05.03

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رامىزان ھارپىسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ، مەزكۇر ئورگاننى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرىش ھەرىكىتى قوزغىدى. مەزكۇر تەشكىلات شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 3‏-ماي كۈنى ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كەمسىتىشكە، دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر چەكلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، مەزكۇر رايوندا «بىر مىليوندەك كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت تونۇشىنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتكە بولغان سىياسىي ساداقەتمەنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ‹قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چاقىرىقتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزاندا رېستورانلارنىڭ دەم ئېلىشى، كىشىلەرنىڭ مەسچىتلەرگە بېرىشىنى چەكلىگەنلىكى، ئوقۇغۇچىلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا مەسئۇل ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلغان. چاقىرىقتا: «ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭدىكى ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشقا، جازالاشنى توختىتىشقا، پەقەت كىشىلىك ھوقۇقنى تىنچلىق بىلەن يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن جازالاشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىشى كېرەك» دېيىلگەن. چاقىرىقتا يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئېلخەت ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر رايونىدا جازالاشقا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنى قوللاشنى تەلەپ قىلىشقا ئۈندىگەن.

ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تەقىبلەش، تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش ۋە لاگېرلارغا قاماش ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ كېلىشى غەرب ئەللىرىنى ھەيران قالدۇرغان. يېقىندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.