خەلقئارا كۈچۈرۈم تەشكىلاتى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بەرگەن گۇۋاھلىقلارنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.07.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 6-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا قامالغان 48 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئائىلە ئەزالىرى بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى-لاگېر قۇربانلىرى ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق پاكىتلارنى ئېلان قىلغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ھەققىدىكى دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد (Agnes Callamard) مۇنداق دېگەن: «بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بايانلىرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ قاباھەتلىك ۋەقەلەر ئاللىقاچان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان. نۇرغۇن ئائىلە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ بىر قانچە قېرىندىشىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بىرەيلەن ئۆزىنىڭ 40 تۇغقىنىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى، بۇلار بۇ رايوندىكى تۇتقۇن قىلىش ۋە خورلۇقنىڭ نەقەدەر زور كۆلەمدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەھشەتلىك تۈزۈمى ۋە جىنايەتلىرى ئۈستىدە تېخى ئېنىق يەكۈن چىقارمىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ۋاقتىدا ئېلان قىلمىسا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر ھەپتىلىك يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدىكەن.

ئاگنېس كاللامارد بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىدىن چوقۇم ھېساب سوراش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي كومىسسار باچېلېت خانىم ئۇزۇندىن بېرى ئارقىغا سۆرەپ كەلگەن شۇ دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشى ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە ۋاقتىدا سۇنۇشى كېرەك. ئۇ ھازىرغىچە شىنجاڭدا ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەت سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى دېمەي كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئادالەتكە قىلىنغان توسقۇنلۇق، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىغا قىلىنغان ھاقارەت».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت