خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرغۇدەك يېرى قالمىدى»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 25‏-ئۆكتەبىر ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەمدەم بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كۈرەش نىشانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرغۇدەك يېرى قالمىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى، شۇنىڭدەك باشقا دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى قورقۇنچلۇق ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشىغا قارىماي، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتنى يوقىتىش قىلمىشلىرىنى داۋاملىق تۈردە ئىنكار قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدا گەرچە خىتاي ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ راستلىقى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «بۇنىڭدىكى جاۋابكارلىق چوقۇم سۈرۈشتۈرۈلۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا باستۇرۇلۇش نىشانىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو ئۆزىنىڭ ‹ۋول-سترېت ژۇرنىلى› گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئېيتقىنىدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئائىلىلەرنىڭ ئايرىۋېتىلىشى، تەن جازاسى، ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئەمدى قاراپ تۇرماسلىقى لازىم. ئامېرىكا رەھبەرلىرى بۇ رەزىللىككە قارشى سىياسىي ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.»

ماقالىدا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باشقا ھۆكۈمەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا ئورگانلاردا خىتايغا قارىتىلغان بېسىمنى كۈچەيتىشى، شىنجاڭدىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى جامائەت پىكىرى توپلاپ، ئۇنىڭغا يەر شارىنىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك ئىكەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا كىشىلەرنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئىلتىماسىغا قول قويۇشقا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1‏-تۈرمىگە ئاتكرىتكا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە چاقىرغان.

ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014‏-يىلى 1‏-ئايدا قولغا ئېلىنغان. شۇ يىلى 9-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.