مۇخبىر نېيسىن ۋاندېركلېپ «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

كانادادىكى «يەرشارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى نېيسېن ۋاندېركلېپ «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسى» نىڭ 2018-يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مەزكۇر گېزىتنىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نېيسىن ۋاندېركلېپ ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئىشلەپ غەرب دۇنياسىنى ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بىرى ئىكەن.

«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسى» نىڭ بۇ مۇكاپات ھەققىدىكى باياناتىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى زامانىمىزدىكى ئەڭ نومۇسسىز، شۇنداقلا زور كۆلەملىك بولغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. مەزكۇر مۇكاپاتنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىل شىللېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمەنلىككە تولغان نازارەت مۇھىتىدا تۇرۇپ بۇ خىلدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە خەۋەر يېزىش غايەت زور پىداكارلىق ۋە شىجائەت تەلەپ قىلىدۇ. نېيسېن بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى تولۇق نامايان قىلدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نېيسىن ۋاندېركلېپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىزمەت پائالىيىتى جەريانىدا كۆپ قېتىم خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا، ھەتتا ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلىشىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئىزچىل ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كرىزىسلار ھەققىدە خەۋەر ۋە ئوبزور ماقالىلىرى يېزىپ كەلمەكتە ئىكەن.