كەرىموفنىڭ قىزى گۈلنارە كەرىموۋانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى رەسمىي بىلدۈرۈلدى

يېقىندا سابىق ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى، مەرھۇم ئىسلام كەرىموفنىڭ چوڭ قىزى گۈلنارە كەرىموۋانىڭ ئۆزبېكىستان ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەسمىي دەلىللىدى.

فەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ ئۆزبېكىستان ئۇچۇر مەنبەلىرى ئاساسىدا تارقاتقان خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گۈلنارە كەرىموۋا ھازىر ئۆزبېكىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ئايرىپ تەكشۈرۈش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان تەپتىش دائىرىلىرى تېخى ھازىرغىچە مەرھۇم ئۆزبېك پرېزىدېنتىنىڭ چوڭ قىزى ئۈستىدىن قاچان سوت ئېچىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداق جىنايەت گۇمانلىرى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن.ئەمما، كۆزەتكۈچىلەر گۈلنارە كەرىموۋانىڭ 2015-يىلى، 21-ئاۋغۇست كۈنى تاشكەنت سوتى چىقارغان بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش دېلوسىغا ئاساسەن تۇتۇلغانلىقىنى جەزم قىلماقتا.

گۈلنارە كەرىموۋا بۇ قېتىم يەنە قايتىدىن، ئالدامچىلىق، چەتئەل پۇللىرىنى يوشۇرۇش، تاموژنا قانۇنى ۋە سودا نىزاملىرىنى بۇزۇش، جىنايەت ئارقىلىق تاپقان پۇللىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

45 ياشلىق گۈلنارە كەرىموۋا بىر مەزگىل ئامېرىكىدا ئوقۇغان ۋە ياشىغان. 2008-2013-يىللىرى ئارىسىدا ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ تەسىرى كۈچكە ئىگە سىياسىيون ۋە تىجارەت ئادىمىگە ئايلانغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ كەلگۈسىدە دادىسىنىڭ ئورنىغا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى بولۇشى ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى پەرەزلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان، بىراق كېيىن ئۇنىڭ دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان ھەمدە 2015-يىلى ئۇنىڭغا بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. مانا ئەمدى ئىسلام كەرىموف ۋاپاتىغا بىر يىل توشۇش ئالدىدا ئۇ رەسمىي تۈردە تۇتقۇن قىلىندى.