ئىلدىكو بېللەر-خاننىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان يېڭى كىتابى-«كېلىشتۈرمە كىملىك» يېقىندا گېرمانىيەدە يورۇق كۆرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېتنوگرافىك ئەھۋاللىرىغا بېغىشلانغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

تەتقىقاتچى ئىلدىكو بېللەر-خاننىڭ يېقىندا گېرمانىيەدە يورۇق كۆرگەن يېڭى كىتابى-«كېلىشتۈرمە كىملىك» دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

«ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 1990-يىللاردىكى ئىش، ئېتىقاد، جىنس ۋە ئەنەئەنىنىڭ يۆتكىلىشى» دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان بۇ زور ئىلمىي ئەمگەكتە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ 1990-يىللاردىكى ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى ۋە ئەقىدە ئۆزگىرىشلىرى پاراللېل ھالەتتە يورۇتۇلغان.

10 بابتىن تەشكىل تاپقان بۇ ئىلمىي ئەمگەك گېرمانىيەنىڭ خاللې شەھىرىگە جايلاشقان ماكس-پلانك ئىجتىمائىي ئىنسانشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ياۋرو-ئاسىيا ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتىنىڭ 31-تومى سۈپىتىدە نەشىر قىلىنغان.

دوكتور ئىلدىكو بېللەر-خان كوپېنخاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، 1990-يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان بىرقانچە پارچە كىتابى بىلەن نەچچە ئونلىغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت