ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبورېن خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي «قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-04
Share

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبورېن خانىم ياۋروپادا تۇرۇشلۇق بىر خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى مۇخبىرىنىڭ جىنسىي ھاقارەت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بلەكبورېن ئۇنى ئىرقچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، جىنسىي ھاقارەت قىلغان «خىتاي گېزىتى» مۇخبىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەلكبورېن 3-دېكابىر تىۋىتتېردا «خىتاينىڭ 5 مىڭ يىللىق ئالدامچىلىق ئوغرىلىق تارىخىي بار. بەزى نەرسىلەر ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىكەن» دەپ ئۇچۇر يوللىغان.

لېكىن، «خىتاي گېزىتى» نىڭ بىريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق ياۋروپا ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى چېن ۋېيخۇا ئۇنىڭ سۆزىگە ئىنكاس يېزىپ، بلەكبورېننى ھاقارەتلىگەن. ئۇ بلەكبورېننى «ئىرقچى»، «نادان» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭغا جىنسىي ھاقارەتتە بولغان. «فېدېرالىست» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بلەكبورېن خانىم بۇنىڭغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، «تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغىچە خىتاي كومپارتىيەسى نوپۇس قەتلىئامىنىڭ مۇتەخەسسىسى»، «ئامېرىكا جىنسىيەتچى خىتاي كوممۇنىست قاراقچىلىرىغا باش ئەگمەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى ۋە خادىملىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دىپلوماتىك ئەدەپ-قائىدە، ئەقەللىي ئاخبارات ئەخلاقىنى قايرىپ قويۇپ، خىتاينى تەنقىد قىلغان غەرب سىياسىيونلىرىنى ھاقارەت قىلىشى ئەمەس. خىتاي ئاخباراتلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى ھاقارەت قىلغان. «فېدېرالىست» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئاياللارنى تۇغماس قىلغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت