خىتاي تاراتقۇلىرى بارىكۆلدە «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.12.15

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىپ لاگېرلارغا سولاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سىياسىتىنىڭ ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقى خىتاي تاراتقۇلىرى تارقاتقان خەۋەرلەردىن ئاشكارىلانماقتا.

خىتاي خەۋەرلەر تورى 15-دېكابىر كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، «قۇمۇلنىڭ بارىكۆل ناھىيەسىدە بىر كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇش باشلىغانلىقىنى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماق ئېتىش، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى قوللىنىش ۋە بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلىكى» نى خەۋەر قىلغان.

خەۋەردە يەنە ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «بۇ يىل بارىكۆل ناھىيەلىك تېخنىكا مەكتىپى يەرلىكنىڭ شارائىتىغا ماسلىشىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىلى، سىياسىتى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئەمەلىي تېخنىكىلارنى ئاساس قىلىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ۋە شەھەرلەردىكى ئىشسىزلارنى تەربىيەلىدى»

خەۋەردە يەنە، بارىكۆلدە ھازىرغىچە 65 تەربىيىلەش كۇرسى تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە ھازىر 1000 دىن ئارتۇق تەربىيەلەنگۈچىنىڭ بارلىقى دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئورۇنلارنى كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىپ ماھارەت ئۆگىنىدىغان ئورۇن دەپ ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارالىق ئەمگەك مەسىلىلىرى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتتا، بۇ ئورۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى ئىكەنلىكى، بۇ ئورۇنلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغانىدى.

يۇقىرىدىكى خەۋەردىن، خەلقئارانىڭ خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرىگە قارىماي بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.