ئامېرىكا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شۇ جىيۇڭنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شۈ جىيۇڭ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شۈ جىيۇڭنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ ساقچىلىرى 16-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، بېيجىڭ پوچتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لىكتورى شۇ جىيۇڭنى «ئاممىۋى تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان ۋە شۇ جىيۇڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە 15 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

شۇ جىيۇڭ، بۇ يىل 4‏-ئايدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ، قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ۋە سىياسىي ئاكتىپلارنى قوللىغان ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىدلەپ، بۇ، شى جىنپىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدا ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن باشلىغان يەنە بىر سىياسىي پائالىيەتچىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.