خەلقئارادىكى ئون نەچچە تەشكىلات خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چارە قوللىنىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-09
Share

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا زاسىداتىللار كومىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئون نەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 9-سېنتەبىر كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىشقا چاقىردى.

ئوچۇق خەتتە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى سىستېمىلىق رېئاللىق ئىكەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ب د ت ھۆججەتلىرىدە قەيت قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ب د ت نىڭ بۇنىڭغا قارشى ئۈنۈملۈك بىر چارە-تەدبىر قوللىنىشى، ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قانۇن بىلەن باشقۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى توختىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ئوچۇق خەتتە، بۇ يىل 6‏-ئايدا 20 نەچچە دۆلەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى پرېزىدېنتىنى خىتاينىڭ «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى نىشانغا ئالغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقى، شۇنداقلا خىتايدىن تېز، مۇستەقىل ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇنى رەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلارنى تېررورلۇق، ئاغدۇرمىچىلىق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ خاراكتېرلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇشتا قوللانغان تاكتىكىلىرىنى ئەمدى خوڭكوڭدا ئىشلىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئوچۇق خەتتە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان شاھىتلارنى قوللىشى، مۇمكىن بولغان بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. ئوچۇق خەتتە يەنە، ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنىڭ ئالاقىدار تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلمىغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بولغان قانۇن ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى توختىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. مەزكۇر ئوچۇق خەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42‏-نۆۋەتلىك يىغىنى باشلانغان كۈنى ئېلان قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىن 27‏-سېنتەبىرگە قەدەر داۋام قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت