ئىمران خان: «كىشىلىك ھوقۇقتا تاللاپ تۇرۇپ سۆزلەش ئەخلاقسىزلىقتۇر!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.10.12

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىكى ئوخشىمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئورتاق سوئاللىرىغا قارىتا گەپ يورغىلىتىپ خىتاينى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلگەن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان يېقىندا غەرب دۇنياسىنى ئەيىبلەپ: «كىشىلىك ھوقۇقتا تاللاپ تۇرۇپ سۆزلەش بىر تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق» دېگەن. ئۇ بۇ سۆزنى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر تەۋەسىدە ھىندىلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىمىگەن ئامېرىكا ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ، دېگەن مەنىدە ئېيتقان.

«پاكىستان ھەپتىلىك خەۋەرلىرى» نىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئىمران خان «ئوتتۇرا شەرق كۆزى» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە ئۆزئارا چۈشىنىش مەۋجۇت. ھازىر بىز بۇ مەسىلىنى يېپىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ۋە مەدەنىيىتى»، دېگەن. پاكىستاننىڭ تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە گەپ بولغاندا بولسا بۇنىڭ «پاكىستاننىڭ كۈچلەر كېسىشكەن نۇقتىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا 300 مىڭ كىشىلىك ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ تالىبانلارغا ئۇرۇشمايلا تەسلىم بولغانلىقىغا پاكىستاننىڭ جاۋابكار ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئەمما ئاۋسترالىيەلىك ئاخباراتچى س. ج. ۋېرلېمەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى ئەيىبلەش مەزمۇنىدىكى ماقالىلىرىدە كۆپ قېتىم ئىمران خاننى «ھەقىقىي مەنىدىكى ئىككى يۈزلىمىچى رەھبەر» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.