كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى خىتاينىڭ 2020-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە داۋاملىق قارشى تۇرماقتا

11-نويابىر «دىپلومات» تورىدا تىبەت، ئۇيغۇر، خوڭكوڭ ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئادۋوكاتلىرىنىڭ خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنى خىتاينىڭ 2020-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئادۋوكاتلار خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشۈپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلەرنى ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ۋە 2020-يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.

خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى ئادۋوكاتلارنىڭ سۆزىدىن گەرچە تەسىرلەنگەندەك قىلسىمۇ، ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئادۋوكاتلارنىڭ ھېس قىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتى بۇ مەسىلىگە داۋاملىق سەل قاراپ، «سىياسىينى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە ئارىلاشتۇرماسلىق» گېپىنى يورغىلىتىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1936-يىل ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى بېرلىندا ئۆتكۈزگەن ناتسىسىتلار گېرمانىيەسىگە ئوخشاش، 2008-يىل خەلقئارا ئولىمپېك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مۇسابىقىنى كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھەمدە بۇ مۇسابىقىنى باھانە قىلىپ زوراۋانلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەن.

نۆۋەتتە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا كۆپ ۋاقىت قالمىغان بولسىمۇ، ئولىمپېك كومىتېتىنىڭ بۇ خاتا قاراردىن يېنىشى ئۈچۈن يەنە پۇرسەت بار ئىكەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، «مەزكۇر كومىتېت ‹ئولىمپېك ئاساسىي قانۇنى› ۋە ‹ئىنسانىيەتنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداش› پرىنسىپى بويىچە ئولىمپېك سەھنىسى ئارقىلىق ئىنسانلارغا بەخت يارىتامدۇ ياكى دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ، ئەڭ زوراۋان ھاكىمىيەتنى قوللاپ، بىر مەيدان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەنھەرىكەت يىغىنى› ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئەركىنلىكىنى باستۇرامدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلغان.