كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-07
Share

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ زور ئېھتىماللىق بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۇرگەن. «سودا ئىچكى ئۇچۇرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى خادىملار قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، ترامپ ياكى بايدېن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە قانۇنغا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە يەنە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇن لايىھىسى كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئاۋازغا ئىگە، دەپ كورسەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكادىكى «ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» نىڭ دىرېكتورى سكوت نوۋا «سودا ئىچكى ئۇچۇرلىرى» غا سۆز قىلىپ، «بۇ قانۇنغا قارشى تۇرىدىغان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ساناقلىق بىر قانچە كىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ قانۇن لاھىيەسى بۇ يىل 9-ئايدا ئاۋام پالاتاسىدا 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغان. قانۇن لايىھەسىدە شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى تەلەپ قىلىنغان.

يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى بەزى چوڭ شىركەتلەرنىڭ لوبىيچىلار، يەنى دەللاللارنى ياللاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ قانۇنغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «سودا ئىچكى ئۇچۇرلىرى» نىڭ تەكىتلىشىچە، سكوت نوۋا «بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئاجىزلىتىشقا تىرىشىۋاتقان شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئىسپات كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دېگەن. يېقىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋې قانۇن لايىھىسىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ماقۇللىنىشىدا ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت