كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2025.03.18

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (HRW) 18-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 18-مارت بىلەن 20-مارت ئارىلىقىدا ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغان تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا ئاشكارا ئاخبارات ئېلان قىلىشنى، تايلاند ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي قايتۇرغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر باياناتتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا دىرېكتورى ئېلىئىن پېرسون (ElainePearson) مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەييارلاپ قويغان ناخشا ئۇسۇل سەھنىلىرىگە ئالدانماسلىقى ۋە خىتاينىڭ ناچار ئوبرازىنى ياخشىلاش ھەرىكىتىگە يانتاياق بولماسلىقى كېرەك. بەلكى تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھەقىقىي مۇئامىلىسىنى دوكلات قىلىشى كېرەك. ئۇلار تايلاند ھۆكۈمىتى قايتۇرغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشنى كەسكىن تەلەپ قىلىپ، بۇ زىيارەت ھەققىدە ئاممىغا دوكلات بېرىپ،  ئۆزلىرىنىڭ تۆكۈلگەن ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك».

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ بېرىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو 14-مارت كۈنى بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار تايلاند ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 17 مارت بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى ماختىغان ھەمدە «ئامېرىكا، خىتاي بىلەن تايلاندنىڭ ‹قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى› غا ئارىلىشالمايدۇ» دەپ ھەيۋە كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.