خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 2025-يىلغىچە 5800 گە يېقىن «كونا مەھەللە» نى چېقىپ ئۆزگەرتىدىكەن
2022.02.18
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئېلىپ بارغان ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ، بىنالاشتۇرۇش ۋە ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ھەركىتى داۋام قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا 2021-يىلدىن 2025-يىلغىچە 870 مىڭ تۈتۈنگە چېتىشلىق 5761 كونا مەھەللە ئۆزگەرتىلىدىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 18-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا شەھەر-بازارلاردىكى 1273 كونا مەھەللە ۋە رايوننىنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن 203 مىڭ 900 تۈتۈننىڭ نەپكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ رايوندىكى ئاتالمىش «كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى»، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەن. خىتاينىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى تارارقاقلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي تۇرمۇش شەكلى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى پارچىلاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ مۇداپىيەسىز قويۇش ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ نازىرى لى خوڭبىن «شىنجاڭ گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتە «تارىختىن قېلىپ قالغان مەسىلىلىرى كۆپ، زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلىرى نۇرغۇن كونا مەھەلىلەر» نىڭ ئالدىن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمەت كومىتېتى» قۇرغان، شۇنداقلا «كونا مەھەللە-رايونلارنى ئومۇمىييۈزلىك ئۆزگەرتىشنىڭ يېتەكچى پىكىرى»، «كونا مەھەللە-رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش لايىھەسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ، ئاھالىسى چوڭ تۇتقۇندا غايىپ بولغان نۇرغۇن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى «ئۆزگەرتىش» نامىدا چېقىپ تاشلىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2021-يىلى رايوندا 1714 كونا مەھەللە ۋە رايون ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇ 231 مىڭ 500 تۈتۈنگە چېتىلغان.