كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلىشى تەلەپ قىلىندى

27-فېۋرال چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرى دوكلات ئېلان قىلىپ، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى 158 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ ئىنستىتۇتلار يىللاردىن بېرى خۇددى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرىدەك خىزمەت قىلغان.

يۇقىرىقى بۇ دوكلاتنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دائىمىي گۇرۇپپا كومىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان 8 ئايلىق تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان ئىكەن. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ 70 پىرسەنتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يىلىغا ئاز دېگەندە 250 مىڭ دوللار پۇل تاپشۇرۇپ ئالغان، بىراق بۇ پۇللار ئامېرىكا قانۇنلىرى بويىچە ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقىغا مەلۇم قىلىنمىغان. كومىتېت يەنە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭمۇ نامۇۋاپىق ۋىزا تۈرلىرى بىلەن ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دائىمىي گۇرۇپپا كومىتېتى دوكلاتىدا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ تۈپتىن ئۆزگەرتىلىشى ياكى ئامېرىكىدىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى 2004-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ناھايىتى تېز كېڭەيگەن. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى دىققەت قوزغاپ، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن بولغان بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى ۋە بۇ ئىنستىتۇتلارنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى پىكىر ۋە ئىلىم ئەركىنلىكىگە ھەم شۇنداقلا باشقا ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى كۈچلۈك مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 6 نەپەر ئەزاسى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىش مەقسەت قىلىنغان بىر قانۇن لايىھىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيىدىن بولغان ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق قوللىشى ئاستىدا تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيادا سىياسىي كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھىسى بۇ يىل 2-ئايدا دۆلەت مەجلىسىگە قايتا سۇنۇلغان.