زىمبابۋې دىكتاتورى مۇگابى بۇ يىل كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى بىلەن تارتۇقلاندى
2015.10.22
خىتاينىڭ «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» غا بۇ يىل زىمبابۋې پرېزىدېنتى مۇگابى لايىق كۆرۈلدى. مۇگابى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەڭ زالىم دىكتاتورلارنىڭ بىرى، دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان شەخس.
«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇگابى 1980-يىلى زىمبابۋېدا ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن سۈرئەت بىلەن دىكتاتورىلىق تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆكتىچى ئاۋازلارغا زەربە بەرگەن. ئۇ باشقا دېموكراتىك رىقابەتچىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ يانداشلىرىنى جىمىقتۇرۇشتا ۋاسىتە تاللىماي، ئۇلارغا قارىتا زوراۋانلىق، تەھدىت ۋە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە روبېرت مۇگابى يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي سىياسەتمۇ مەغلۇپ بولۇپ، زىمبابۋېدا پۇل پاخاللىقى ۋە كەمبەغەللىشىشكە يول ئاچقان.
ئەمما «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» باھالىغۇچىلىرى بولسا مۇگابىنىڭ زىمبابۋېدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىق يارىتىپ، ئافرىقىدا تىنچلىق بەرپا قىلىشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» خىتاي تەرىپىدىن 2010-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قارشى قۇرۇلغان. ئۇ تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، كۇبانىڭ سابىق پرېزىدېنتى فىدەل كاسترو قاتارلىقلار بۇ مۇكاپات بىلەن تارتۇقلانغان ئىدى.