كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باچېلېتنى ئاپەت خاراكتېرلىك خىتاي زىيارىتىدىكى خاتالىقىنى تۈزىتىشكە چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.07.13

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىككى نوپۇزلىق مەسئۇلى «شۋېتسارىيە ئۇچۇرلىرى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك خىتاي زىيارىتىدىكى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشكە چاقىرغان.

ماقالىدە تەكىتلىشىچە، باچېلېتنىڭ بۇ يىل 5-ئايدىكى خىتاي زىيارىتى خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشتىكى ياخشى پۇرسەت بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىك قىلىشى، تىبەتلەرنى باستۇرۇشى، ۋە خوڭكوڭدا ئەركىنلىككە ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلىشىتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەپسەندىچىلىكنى رەت قىلىشىغا دەسمايە سېلىپ بەرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون بىلەن ئامېرىكا ئىشلىرى دېرىكتورى تامارا تاراچيۇك برونېر قەلەمگە ئالغان مەزكۇر ماقالىدە، خىتاينىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي باچېلېتنىڭ شىنجاڭدىكى رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ «تېرورلۇققا قارشى كۈرەش» دەپ سۈرەتلەپ كەلگەن ۋە تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» دەپ پەردازلىشىدەك سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھەممىدىن يامىنى، باچېلېت خىتايدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ھايات قالغۇچىلارغا قارىتا ھېچقانداق ئادالەت ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى… نومۇس قىلارلىقى شۇكى، ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى توپلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېقىشنىمۇ پىلانلىمىدى.»

ماقالىدە تەكىتلىشىچە، باچېلېتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ يەنىلا ياخشى تەسىرات قالدۇرۇش پۇرسىتى بار ئىكەن. ماقالىدە ئۇنىڭ «شىنجاڭدىكى دەپسەندىچىلىككە دائىر دوكلاتىنى دەرھال ئېلان قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك، ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق سۆزلىشى، بارلىق گۇناھسىز تۇتقۇن قىلىنغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى، ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بىلەن قەرەللىك دىيالوگ قۇرۇشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.