كۇچا خانىقىتام خەلق سوتى «مەملىكەت بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ باھالانغان

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 25-نويابىر تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى خانىقىتام خەلق سوتى «مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق سوتىدىكى ئىلغا كوللېكتىپ» بولۇپ باھالانغان. بۇ قېتىم خىتاي بويىچە 100 ئاساسىي قاتلام خەلق سوتى تەقدىرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا 4 ئاساسىي قاتلام خەلق سوتى بار ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 1987-يىل قۇرۇلغان خانىقىتام خەلق سوتى تۆت يېزا-بازاردىكى 120مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ھەق-تەلەپ ماجرالىرىغا سوت ئېچىش ۋە ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن. خەۋەردە كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مۇنداق جۈملىلەر بار: «بۇ سوت مەھكىمىسى توردا دېلو تۇرغۇزۇشنى يولغا قويۇپ، زىددىيەتلەرنى توردا ھەل قىلىش سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، كۆپ قىسىم زىددىيەت-ماجرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىدى».

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ توردا دېلو تۇرغۇزۇشى ئاساسەن ئۆز تەۋەلىكىدىكى رايوننىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، كەنتلەرگە ئەۋەتىلگەن كادىرلار، شۇ جايلاردىكى ئاھالە ئەھۋالىغا كۆز-قۇلاق بولغۇچىلار قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمانلىق دەپ قارىغان ئادەملەرنى توردا قارا تىزىملىككە ئېلىش، تۇتۇش، ھەتتا توردىلا سوتلاش ياكى سوتلىمايلا ھۆكۈم چىقىرىش ۋەزىپىلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆتىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.