لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدىكى كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.31

غۇلجا ناھىيىسىدىكى «جيافاڭ كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرى باغچىسى» ناملىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا لاگېردىكىگە تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. «جيافاڭ كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلار باغچىسى» 2017‏-يىلى 8‏-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر بازىدا ھازىرغا قەدەر تىزىمغا ئالدۇرغان خىتاينىڭ شىركەتلىرىنىڭ سانى 8 گە يېتىپ بارغان. جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى «سەنرۈن گۇرۇھى» غا قاراشلىق «شىنجاڭ شىنيى سەنرۈن چەكلىك» شىركىتى بۇ يىل 9‏-ئايدا تىزىمغا ئالدۇرغان. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ 31‏-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى ئىشچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن كەلگەنلەر ئىكەن. خەۋەردە، بىر يەرلىك مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇ، تۇتقۇنلارنىڭ ھەركۈنى 12 سائەت ئىشلەيدىغانلىقى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن يەنە بىر سائەت سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا بۇ بازىغا 2000 دەك مۇسۇلمان ئېلىپ كېلىنگەن. بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر بېرىپ، مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى بىر كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ 1500 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە، بىر يەرلىك ئايالنى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ «نۇرغۇن ئادەمنى ئىشقا ئېلىپ بەك ياخشى قىلدى. ئائىلەم مېنىڭ بۇ يەردە ئىشلىشىمنى قوللايدۇ. مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن» دېگەن. «لى جوۋەن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى» «جيافاڭ كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرى باغچىسى» دا تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلارنىڭ بىرىدۇر.

ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 2017‏-يىلى قۇرۇلغان مەزكۇر كارخانا پەلەي ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدىكەن ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتى چەتئەللەردە ۋە خىتاينىڭ ئىچكى بازىرىدا سېتىلىدىكەن. مەزكۇر خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى لاگېرلاردا ياكى لاگېر ئەتراپىدا زاۋۇت-كارخانىلارنى قۇرۇپ، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا قارىتىلغان مەزگىلدە تارقالدى. 

يېقىندا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى «تەيدا» ناملىق بىر خىتاي شىركىتىنىڭ خوتەندىكى لاگېرلاردا زاۋۇت قۇرۇپ، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بىر ئامېرىكا سودا شىركىتىنىڭ بۇ لاگېردا ئىشلەپچىرىلغان تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىمپورت قىلىشى ئامېرىكىدا غۇلغۇلا قوزغىغان. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئامېرىكىدىكى بىر شىركەتنىڭ خىتاينىڭ خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم-كېچەكلەرنى ئىمپورت قىلىپ، ئامېرىكا بازىرىغا سالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.