نۇرى تۈركەل: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلمىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەۋىرىنى بەرمەكتە»

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئاۋسترالىيەدە دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلمىشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەۋىرىنى بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۇرى تۈركەل بۇ سۆزلەرنى 7 ۋە 8‏-دېكابىر كۈنلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ لوۋىي ئىنىستىتۇتى ۋە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا تەكىتلىگەن. ئەنگىليەدىكى «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرى تۈركەل ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەر، مۇتەخەسىسلەر ۋە ئەقىل ئامبارلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ: «كۆز ئالدىمىزدا قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىش ۋاقتى كەلدى» دېگەن. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، نۇرى تۈركەل ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەيمىس مىلۋاردنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «بېيجىڭ شىنجاڭدا مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. تارىختىن ساۋاق ئالغان بىزلەر بۇنىڭ نېمە مەنىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز بىرەر ھۆكۈمەت ياكى بىرەر ئىستىبدات رەھبەر بۇ خىل ئىدىيەنى ئالغا سۈرسە، ئۇنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى كۆردۇق» دېگەن. ئۇ يەنە چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى گاز ئۆيلىرىدە يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارە ئىپادىلەپ باقمىدى. لېكىن لاگېردىن تارقالغان بەزى مەلۇماتلار كىشىلەرنىڭ لاگېردا ئۆلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بىز بەلكىم زور كۆلەملىك ئۆلتۈرۈشلەرگە شاھىد بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن» دېگەن. بۇ يىغىندا «كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇيىسا گرېف، «ئاكادېمىكلار، ئەگەر بىرەر ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ سىياسىتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خۇنۈكلەشتۈرۈشنى ئاكتىپ يولغا قويۇشقا باشلىغان بولسا، بۇ يەردە چوڭ بىر قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، دەپ قارىماقتا» دەپ تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلماقتا.