خىتاي ئۆمىكى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستاندا لاگېرلارنى ئاقلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى
2018.10.31
خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسى تەشكىللىگەن «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» تۈركىيەدىن كېيىن -27 ئۆكتەبىر كۈنى ئەزەربەيجاندا، 31 -ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
«خىتاي ئاخبارات تورى» دا بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۆمەكتىكىلەر ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكى ئالاقىدار خادىملار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» پىلانى ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە ھەرىكىتى» ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
مەزكۇر ئۆمەك بۇنىڭ ئالدىدا ئوخشاش پائالىيەتنى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بارغان ۋە ئىستانبۇلدىكى يىغىندا تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى توغرا چۈشۈرۈشكە دەۋەت قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە مەزكۇر ئۆمەكنىڭ تەشۋىقاتىغا قارىتا يىغىن ئەھلىدىن ئىجابىي ئىنكاسلارنىڭ بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت سۇلايمان ئەپەندى مەزكۇر يىغىنلاردا پۈتۈنلەي ئىجابىي ئىنكاسلارنىڭ چۈشۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ تەنقىدىي پىكىرلەرنى يوشۇرغان بولۇشى ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەمەت سۇلايمان ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر ھىمايىچىلىرى بىلەن خىتاينىڭ تەشۋىقات قوشۇنى ئارىسىدا كەسكىن بىر كۈرەش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئۆمەك ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ھۆكۈمەت ئىزاھاتىغا بۇ نۆۋەت تۈرك دۇنياسىنى قايىل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«خىتاي ئاخبارات تورى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئۆمەك 22-ئۆكتەبىر كۈنى ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» سەپىرىگە ئاتلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق تەشۋىقات سەپىرى 10 كۈنلۈك پىلانلانغان ئىكەن.