ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى ئاللىقاچان پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى ئاشكارا ئىنكار قىلدى.
13-كۈنى ب د ت قارمىقىدىكى «ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى» جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى «پۈتۈنلەي يالغان» دېدى.
س ن ن نىڭ 13-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ۋەكىللىرىدىن خۇ ليەنخې بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر ھازىر ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىمەن بولماقتا» دېگەن. شۇنىڭدەك «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ قەستەن «يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ قارا چاپلاۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك «ئۇ جايدا سىلەر ئېيتىۋاتقاندەك ھېچقانداق لاگېر مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن.
«دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۈ كاڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «خىتايغا قارشى كۈچلەر سىياسىي مەقسەتتە يالغان-ياۋىداقلارنى توقۇپ بىزگە ھۇجۇم قىلماقتا» دېگەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي، مەدەنىيەت، دىن ساھەلىرى، جۈملىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغىچە سىڭىپ كەتكەن كونتروللۇقنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قايسى دەرىجىدىكى زۇلۇمغا مەھكۇم قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن پاكىتلار ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋالدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس، دەپ بۇنىڭدىن تېنىۋېلىشى خەلقئارانى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغانلىقى مەلۇم. «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قولغا ئېلىش ھەمدە لاگېرلارغا ئوخشاش قانۇنسىز ئەسلىھەلەرگە قاماپ قويۇشنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ،» دېگەن.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى»نىڭ مۇخبىرى جوش چىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىز بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى تېخنىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇپ، ئۇلارنى ھۈنەرلىك قىلىپ قويايلى دەۋاتىمىز. ئەمما چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەر بۇنى لاگېر، دەپ ئەيىبلىمەكتە،» دېگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما بۇ ھەقتە سۆز قىلغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى بۇ لاگېرلارنىڭ ھازىر شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە قارشى سۆز قىلغانلىكى ئۇيغۇرنى مۇشۇ لاگېرلارغا سولاۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ يوسۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى،» دېگەن.