2019-يىلى ئۆكتەبىردە ياۋروپاغا چىققان قەلبىنۇر سىدىق ئۈرۈمچى شەھرى سىرتىدىكى ساڭفاڭگو رايونىدا ئۈچ يىل خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، يېقىندا ئۆزىنىڭ لاگېردا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى تاشقىي دۇنياغا ئاشكارىلىدى. بۇلار ئارقىلىق لاگېر ھەققىدە ئىلگىرى مەلۇم بولغان بەزى ئەھۋاللارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم دەلىللەندى.
«دىپلومات» تورىدا 17-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان تەپسىلىي خەۋەردە ئېيتلىشىچە، قەلبىنۇر ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى، بولۇپمۇ چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن 2016-يىلىدىن كېيىنكى باستۇرۇش ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە بىرىنچى قول بايانلار بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئۇ بايانلىرىدا لاگىېرلاردىكى دائىملىق ئۆلۈم-يىتىم ھادىسىسى، جىسمانىي قىيناق، ئاچارچىلىق، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى ناچارلىقى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن.
قەلبىنۇرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغىنى لاگېرغا قامالغانلار ئىچىدە بىرمۇ خىتاينىڭ بولماسلىقى، يەنە كېلىپ لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد بىلەن شۇغۇللانغان چوڭ ياشلىق كىشىلەر، ئۇيغۇر سودىگەرلەر ۋە ياش ئوغۇل-قىزلاردىن بولۇشى بولغان. ئون مىڭ ئۇيغۇر ئايال قامالغان چوڭ لاگېردىكىلەرنىڭ ئاتمىش پىرسەنتتىن كۆپرەكى ياشىنىپ قالغان كىشىلەر بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن. قالغانلار پۈتۈنلەي جەلپكار ياش قىزلار بولۇپ، قەلبىنۇر بىلەن بىر قاتاردا شۇ قىزلارمۇ مەجبۇرىي تۇغماسلىق تەدبىرلىرىنىڭ قۇربانلىرى قىلىۋېتىلگەن. لاگېر ساقچىلىرى قەلبىنۇرغا تۇتقۇن قىزلارنىڭ كوللېكتىپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ھېچقانچە ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ جىنسىي يوللىرىغا توك كالتەكلىرىنى تىقىشنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئەنە شۇنداق خورلۇق ۋە تۇغماسلىق تەدبىرلىرى ئېغىر كېلىپ جان ئۈزگەن بىر قىزنىڭ ئۆلۈكىنى داقىرىتىپ سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەننى كۆرگەن قەلبىنۇر نەچچە كۈنگىچە ئېسىنى يوقىتىپ قويغاندەك بولۇپ قالغان.
قەلبىنۇر لاگېردا يېتىپ چىققانلاردىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى، ئاقساق-چولاق بولۇپ قالغانلارنى، شۇنىڭدەك پۈتۈنلەي ساراڭ بولۇپ كەتكەنلەرنى يۈزلەپ كۆرگەن. روھىي جەھەتتىن لاگېردا ياتقانلاردىنمۇ بەكرەك ۋەيران بولۇپ كەتكەن قەلبىنۇر ئاخىرى قىزىنى يوقلاش باھانىسىدە ياۋروپاغا چىققاندىن كېيىن ئۆزى شاھىد بولغان رېئاللىقنى ئاشكارىلاش قارارىغا كەلگەن.
قەلبىنۇرنىڭ ھېكايىسى بەكمۇ ئۇزۇن ھېكايە.