خىتاي تىبەت مەركىزى لاسادىكى پوتالا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈستىگە دۆلەت بايرىقىنى ئاستى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.09.30

تىبەتلەرنىڭ پايتەختى، تىبەت بۇددىزمىنىڭ مۇقەددەس يېرى دەپ قارالغان لاسادىكى پوتالا سارىيىنىڭ ئۈستىگە خىتاي دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پوتالا سارىيى ھەم ئىبادەتخانا بولۇپ، ئۇ ئەسلى تىبەتنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي رەھبەرلىك مەركىزى ئورنى ئىدى. بۇ جايدا ئەزەلدىن تىبەت روھانىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لاما تۇراتتى. ھازىرقى دالاي لامامۇ 1959-يىلى ھىندىستانغا قېچىشتىن ئىلگىرى بۇ يەردە تۇرغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت بايرىقى يەنە لاسا شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ چوكاڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇنارىغىمۇ ئېسىلغان.

نۆۋەتتە، تىبەتتە بۇددا ئىبادەتخانىلىرىغا خىتاي دۆلەت بايرىقى ئېسىش، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېسىش ھەرىكەتلىرى باشلانغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت «ۋەتەنپەرۋەرلىك» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. بىر بۇددا راھىبىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2011-يىلى، تىبەتتە ئىبادەتخانا باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، «9 زۆرۈرىيەت» دەپ ئاتالغان بىر پائالىيەت يولغا قويۇلغان. مەزكۇر «9 زۆرۈرىيەت» نىڭ قاتارىدا ئىبادەتخانىلاردا «بايراق ۋە رەھبەرلەرنىڭ سۈرەتلىرى بولۇشى زۆرۈر» دېگەن مەزمۇنمۇ بار ئىكەن. شۇ بويىچە ھەممە يەردىكى تىبەت ئىبادەتخانىلىرىدا بايراق ۋە سۈرەت ئېسىش يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم جايلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلىرىگە خىتاي دۆلەت بايرىقى ئېسىش مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەتتا بەزى جايلاردا بۇ قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.