خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ شىۋىتسارىيە زىيارىتىدە تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.05.24

24-ماي جۈمە كۈنى نەچچە يۈزلىگەن تىبەتلىك شىۋىتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرىن شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، خىتاي باش مىنىستىرى ئىلى كېچياڭنىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت نامايىشچىلىرى قوللىرىغا تىبەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار «سىياسىي جىنايەتچىلەر قويۇپ بېرىلسۇن!»، «قەستلەپ ئۆلتۈرۈش توختىتىلسۇن!»، «ياشىسۇن دالاي لاما!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ئىلى كېچياڭ شىۋىتسارىيە زىيارىتىدىن كېيىن، گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلايدىغان بولۇپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئىلى كېچياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىدە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.