«خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» 14-سېنتەبىر كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ دۇنيا جامائىتىنى لىتۋا ۋە تەيۋەننى قوللاشقا دەۋەت قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لىتۋا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنى ئالغان ھەمدە تەيۋەننىڭ لىتۋادا باش ۋاكالەتخانا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى لىتۋا ۋە تەيۋەنگە ئېغىر بېسىم ئىشلەتمەكتىكەن.
«ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر خەلقئارالىق پارلامېنتلار بىرلەشمىسىگە يۈزدىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزا بولۇپ، يىللاردىن بۇيان دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مەسىلىلىرىدە ھەققانىيەتنى ياقلاپ كېلىۋاتقانىكەن. ئۇلارنىڭ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقى ئەيىبلەنگەن ھەمدە ھەرقايسى پارلامېنتلارنى ھەق ۋە ئادالەتنىڭ جارى بولۇشى ئۈچۈن لىتۋا بىلەن تەيۋەننى قوللاشقا چاقىرغان. لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىلۇس لەندسبېرگىس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ; «مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىمۇ خىتاينى چەكلەش سېپىگە قوشۇلۇشقا چاقىرىمەن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «دىپلوماتىيە دۈشمەنلىكى» پائالىيەتلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ھەرقاچان ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋام قىلىشى بىلەن باغلىنىپ قالماقتىكەن.