خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باشلىقى ما جيەننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى


12 - يانۋار كۈنىدىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جەننىڭ «خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللانغانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلار كۆپەيدى.

بۇ خەۋەر چەتئەللەردە چىقىدىغان «مىنجىڭ پوچتا گېزىتى»دە 9 - يانۋار جۈمە كۈنى دەسلەپ ئاشكارىلانغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما جيەن 8 - يانۋار كۈنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئانالىزىدا « ئەگەر خىتاي جاسۇسلىرىنى باشقۇرىدىغان ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جيەننىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈشكە يوللانغانلىقى دەلىللەنسە، ئۇ ھالدا ما جيەن خىتاي سىياسى - قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۇڭكاڭدىن كېيىن، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك سېستىمىسىدا ئەمىلىدىن قالدۇرۇلغان يەنە بىر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ قالىدۇ» دېيىلدى. خوڭكۇڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي گېزىتى»نىڭ 12 - يانۋاردىكى سانىدا «ما جيەننىڭ خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە يېقىنلىرىنىڭمۇ 9 - يانۋار كۈنى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.