ما شىڭرۇي ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي نازارەتنى كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان
2023.01.20
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي 19-يانۋار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي نازارەتنى كۈچەيتىش، كونكرېتلاشتۇرۇش، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە سىياسىي نازارەتنى نورماللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
يىغىندا ما شىڭرۇي، خەلقئارانىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى»دە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ، «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك ئومۇمى نىشانىغا مەركەزلىشىش»نى تەكىتلىگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 18-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك 1-قېتىملىق يىغىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەت ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنى بېكىتىپ ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ما شىڭرۇي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ «چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلىك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىش»نى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ رايوننىڭ چېرىكلىككە قەرشى قانداق «يېڭى ۋەزىيەتكە» دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا، نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلىرىنى چېرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە باغلاپ تازىلىغان ئىدى.
يىغىندا ما شىڭرۇي مۇنداق دېگەن: «سىياسىي نازارەتنىڭ كونكرېتلىقى، ئېنىقلىقى ۋە نورماللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر ۋە نۇقتىلىق ھادىسىلەرگە دىققەت قىلىش، سىياسىي ئىنتىزام ۋە قائىدىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىياسىي تەكشۈرۈشنىڭ ئۆتكۈر قىلىچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.»
19-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرلىقىغا بېكىتىلگەن زۇمرەت ئوبۇل بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا بېكىتىلگەن ئەركىن تۇنىيازلارمۇ قاتناشقان.