ما شىڭرۈي: «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.05.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىينىڭ قايتا لايىھەلىنىپ يېڭىدىن ئېچىلغان 2-باسقۇچلىق كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي ۋە مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانداق تەتقىق قىلىش، ئۇنى ھازىرقى رېئاللىق بىلەن قانداق باغلاش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئايرىلماس پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان» ئىكەن. ئۇ «ئومۇمىي تارىخ ۋە مەخسۇس تارىخنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ، بۇنى شىنجاڭنىڭ رېئاللىقى بىلەن زىچ باغلاپ، جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى شەرھىيلەشنى كۈچەيتىش» نى تەلەپ قىلغان.

ما شىڭرۈينىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى» دېگەندە، ئۇنىڭ قايسىي مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كۆزدە تۇتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. ھالبۇكى، مىلادىيە 751 يىلى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئەرەب-ئۇيغۇر قارلۇق بىرلەشمە قوشۇنلىرى بىلەن بولغان تالاس ئۇرۇشىدا ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولۇشىدىن كېيىنكى مىڭ يىل جەريانىدا، بۇ رايونغا ئاياق بېسىپ باقمىغانلىقى بىر رېئالىقتۇر. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا رايوندىكى ھەر قايسى مۇزېي قۇرۇلۇشلىرىغىمۇ كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل تارىخىغا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆزدىن يوقاتقان ياكى ئۇلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭ مۇزېيى» غا 370 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى قايتا قۇرغان، شۇنداقلا مۇزېيدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىر ۋە قول يازمىلارنى ئېلىپ تاشلىغان ياكى باشقىدىن چۈشەندۈرۈش يازغان. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «شىنجاڭ مۇزېيى» نى كۆزدىن كەچۈرىشكە ما شىڭرۈيدىن باشقا يەنە ئەركىن تۇنىياز، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابدۇمەنجىن قاتارلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلادىن بولغان قورچاق ئەمەلدارلىرىمۇ قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت