ما شىڭرۇينىڭ تۇرپاندا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى دىققەت قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.09.12

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي يېقىندا تۇرپان ۋىلايىتىدە «خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش» جەريانىدا «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۈەننىڭ خىزمەت خۇلاسىسىنى ئاڭلىغاندا قىلغان سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى تولۇق ئىجرا قىلىش» ھەققىدە ۋەز ئېيتقان.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي تۇرپان مۇزېيى، ئىدىقۇت ئۈزۈمچىلىك بازىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نى يېڭى پەللىگە ئېلىپ چىقىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغىرىش» ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئاساسىي مائارىپ ئەندىزىسى قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي ماكانلىرىدىن بولغان تۇرپاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز بولمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئەڭ نۇقتىلىق تۈرلەردىن بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋال بولسا ئىزچىل خىتاي ئاخباراتلىرىدا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ما شىڭرۇي بۇ قېتىمقى «كۆزدىن كەچۈرۈش» جەريانىدا شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدە سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ بىر تۈرلۈك جىددىي سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلىش، «بەشنى ئېتىراپ قىلىش» نى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى تۈپ ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.