ما شىڭرۈينىڭ چاغانلىق ھال سوراش زىيارىتى خىتاي ئېڭىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.02.14

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق بەش ۋىلايىتىدە ئېلىپ بارغان چاغانلىق ھال سوراش زىيارىتىدە، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي ئېڭىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۈي بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەندە:

 «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ، شىنجاڭنى تەرەققىيات قىلدۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە ئىگە قىلىشنىڭ ئاساسى» دېگەن.

يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك ناملار ئاستىدا مۇستەملىكە ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى مۇتلەق خىتاينىڭ ماكانى قىلماقچى بولغانلىقى مەلۇم.

 كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» توغرۇلۇق قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى› ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تۈسىنى ئالغان» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭمۇ يېقىندا بېيجىڭدا چىقىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «ئىزدىنىش» تا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدا ئىشقا ئاشىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

دوكتور ھېنرى شاجېسكىگە ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت رايونلاردىكى يېزا-قىشلاقلىرىغىچە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى تېخى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈتكىنىدەك نەتىجە بەرمىگەن، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.