خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېي مالايشىيادا قولغا چۈشكەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.10.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر باياناتچىسى خۇڭ لېيدىن مالايشىيادا قولغا چۈشكەن 155 ئۇيغۇرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرۇپ ئەكېتىدىغان ياكى ئەكەتمەيدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، خوڭ لېي بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ «بىز ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتۇق، ۋەقە ئۈستىدە تېخى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دېگەن.

مالايشىيا كۆچمەنلەر دائىرىلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى كۇئالا لۇمپۇردىكى بىر بىنادىكى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە جەمئىي 155 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ 76 نەپىرى كىچىك بالا ئىدى.

نۆۋەتتە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئۇلار مالاي ھۆكۈمىتىنى مۇساپىرلارنى قوغداپ، ئۇلارنى ب د ت نىڭ مۇساپىرلار قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرماقتا. تۈنۈگۈن مالايشىيادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ مالاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان. ب د ت نىڭ مالايشىيادىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسى باشلىقى چارشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.