مالايشىيادا ئۇيغۇر نانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قوزغاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-04
Share

رامزان ئېيىدا خەير-ئېھسان ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققەت قوزغاش ئۈچۈن «مالايشىيا ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» پىدائىيلىرى 300 نان تەييارلاپ، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلارغا تارقىتىپ بەرگەن ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى خىتايدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

تۈركىيە «يېڭى شەپەق» تورى بۇ پائالىيەتنىڭ ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، پىدائىيلارنىڭ ھەر بىر قاچىغا نان ۋە خورما سېلىپ ئىپتارلىق تەييارلاۋاتقانلىقى، قاچىنىڭ ئۈستىگە «ئۇيغۇر نانلىرى» دەپ يېزىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت