ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ بېيجىڭدا شى جىنپىڭغا ياخشىچاق بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.11.07

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم شۇ كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن ھەمدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ سۆھبەت جەريانىدا ئەنۋەر ئىبراھىم باشچىلىقىدىكى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن. شۇنىڭدەك «ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ھۆرمەت ۋە دوستلۇق ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ گۈللىنەلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى» دېگەن.

ئەنۋەر ئىبراھىممۇ شى جىنپىڭنى «ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى» دەپ مەدھىيەلىگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلىدىن باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا ئىسلام دىنىغا چېتىشلىق بولغان ھەممىلا نەرسە «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» نىڭ ئالامەتلىرى قاتارىدا ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان؛ ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەممىلا كىشى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىپ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاباھەتلىك ۋەيرانچىلىققا دۇچار بولغان؛ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت دۇنياسى پۈتۈنلەي يوقىتىلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك بىر تۈركۈم غەرب پارلامېنتلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

مەلۇمكى، پۈتۈن دۇنياغا شۇنچە ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن مەلۇم بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يېقىندا دەل مۇشۇ ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن مەھدى ھەسەننىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا تىلغا ئېلىنغان. ئەنۋەر ئىبراھىم «مەن بۇ مەسىلىدە پۈتۈنلەي باشقىچە قاراشتا» دېگەن ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى يالغان خەۋەر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن شۇنچە زور تونۇشلۇقى بولغان، يەنە كېلىپ باش مىنىستىر بولۇشتىن ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە كۈچلۈك باياناتلارنى ئېلان قىلغان بۇ شەخسنىڭ باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىنلا باشقىچە مەۋقەگە ئۆتۈۋېلىشى، شۇ ۋاقىتتا دۇنيا مىقياسىدا زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق)نىڭ يېقىندا بوسنىيەنىڭ سارايېۋو شەھىرىدە چاقىرىلغان 8-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە «مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى» (ABIM)نىڭ رەئىسى ئەھمەد فاھمى مۇھد شەمسىدىن (Ahmad Fahmi Mohd Samsudin) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ بۇ خىل مەۋقەسى ئۆزگەرتىلىشى كېرەك دەپ قارايمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.