مامۇتجاننىڭ قىسمىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر ئورتاق دەردىنى ئاڭلاتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن مامۇتجان بەش يىلدىن بۇيان قەشقەردە قالغان ئايالى ۋە نارەسىدە پەرزەنتلىرىدىن جۇدا ھالدا ياشاۋاتقان بولۇپ، پات ئارىدا ئۇلار بىلەن قايتىدىن جەم بولۇش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ جۇدالىققا سۈكۈت قىلىشى، شۇنداقلا ئائىلە پاجىئەسى ھەققىدە ھېچكىمگە دادلىماسلىقى يىللاردىن بېرى يۈرىكىنى زېدە قىلىپ كەلگەن رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە ھېچقانچە ياردىمى بولمىدى. بۇ ئاز كەلگەندەك ئايالىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاخىرى مامۇتجاندىكى سۈكۈتنى ئاياغلاشتۇردى.

يېقىندا «ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مامۇتجان ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بالا-چاقىلىرىدىن جۇدا ھالدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان بىر پاجىئەنى ئاڭلاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلىشنىڭ بۇ پاجىئەلەرنى توسۇشتا ھېچقانداق رولى بولمايدىغانلىقىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مامۇتجان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 2015-يىلى بىر-بىرى بىلەن خوشلاشقانچە ھازىرغىچە جەم بولالمىغان. شۇ ۋاقىتتا مامۇتجان مالايسىيادا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئايالى مۇھەررەم بىخەستەلىكتىن پاسپورتىنى يىتتۈرۈپ قويغان. ئەمما مالايسىيادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ پاسپورت تولۇقلاپ بېرىش ئىلتىماسىغا قارىتا خىتايغىلا بېرىشقا بولىدىغان «ئاق پاسپورت» (ساياھەت ھۆججىتى) تارقىتىپ بەرگەن ھەمدە قەشقەرگە بېرىپ يېڭى پاسپورت ئېلىشنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ئايالى نورمال ئىش تەرتىپى بويىچە قەشقەرگە قايتىپ يېڭى پاسپورت ئالغان. ئەمما قايتىش ئۈچۈن ئاز-تولا پۇل جەملەپ بولغۇچە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن مۇھەررەمنىڭ ھېجاپلىنىشى، «خەتەرلىك دۆلەت» كە بارغانلىقى دېگەندەك بىر قاتار ئاتالمىش «پاكىت» لار سەۋەبىدىن 2017-يىلى ئاپرېلدا ئۇ نامەلۇم جايغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئارقىدىنلا مامۇتجاننىڭ دادىسىمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۆزىنىڭ مالايسىيادا بىخەتەر بولالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان مامۇتجان ئىلاجسىز ئاخىرى ئاۋسترالىيەگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي چەتئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر ئاماللارنى قىلىپ چاقىرتىپ كەتكىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەن قورقتۇم» دەيدۇ.

2019-يىلى مايدا ئۇ مەلۇم بىر تۇغقىنىنىڭ ئۈندىدار بېتىدىن تۆت ياشتىن ئېشىپ قالغان ئوغلىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ئۇچرىتىدۇ. ئۇنىڭدا ئوغلىنىڭ «ئاپام ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدى!» دېگەن سۆزىدىن ئۇ ئايالىنىڭ لاگېردىن چىققانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر تونۇشىنىڭ «ئايالىڭ دوختۇرخانىدا بەش يىللىق داۋالىنىشقا كەتتى» دېگەن ئۇچۇرىنى ئالغاندىن كېيىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش لاگېردىن چىققان ئايالىغا بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇنى ئاڭلاپ ئۇجۇقۇپلا كەتتىم. ئاتا-ئانىسىز قالغان پەرزەنتلىرىمنىڭ ھازىر نەلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكىنى ئويلىسام يۈرىكىم پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشىپ كېتىدۇ» دەيدۇ.

ھالبۇكى مامۇتجان ياكى ئۇنىڭ بالا-چاقىسى ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولمىغانلىقى، يەنە كېلىپ ئايالى خىتايغا خىتاي پاسپورتى بىلەن كىرگەنلىكى ئۈچۈن نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئۇلارغا ئاساسەن ياردەم قىلىشقا ئامالسىز ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن مامۇتجان تەقدىرنىڭ ئۆز مۈشكۈلاتىغا ئاسانچىلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىشتىن باشقىغا چارىسىز ھالدا تۇرماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت