ئۈرۈمچىدە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر، بېيجىڭدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلدى

27-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا 10 مىڭ كىشىلىك مانېۋىر ۋە قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

28-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ 1-دەرىجىلىك ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنىپ، ھەربىي ھالەتنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، يەنى بېيجىڭدا 3-مارت باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ۋە 5-مارت باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئاخىرلاشقۇچە داۋام قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاي پايتەختى بېيجىڭنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە جىددىي ھالەتكە كېلىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى، دىپلومات قاتارلىقلاردا: «ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ كىشىلىك مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈپ ھەيۋە قىلىندى»، «خىتاي تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور قوشۇنلۇق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى»، «خىتاينىڭ ئىككى يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلدى» دېگەندەك تېمىلاردىكى خەۋەرلەر بېرىلىپ، خىتاينى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقىنى پەقەتلا ئىپتىدائىي قورال پىچاق-پالتىلار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر داۋالغۇش ۋە ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىككى گۇرۇھ كۆرۈشى قاتارلىق كۆپ ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن چۈەنگو قەسەمياد يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي مۇھىم تاپشۇرۇقىنى باشتىن-ئاخىرى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ساداقىتىمىز ئارقىلىق قەسىمىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك» دېگەن. ھالبۇكى 28 -فېۋرال كۈنى بېيجىڭدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغان كۈنى، بېيجىڭنىڭ چاۋياڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت 4500 نەپەر قوراللىق ساقچى، ئەسكەرنى بېيجىڭدا تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاجراتقان. 200 دانە برونېۋىك بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىكى كوچىلاردا چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى يەنە نەچچە يۈزلىگەن ساقچى خادىمىنى مەكتەپ، دوختۇرخانا، تۆمۈريول قاتارلىق جايلارغا تەرتىپ ساقلاشقا ئەۋەتكەن.