ماراكەشتە چىقىدىغان «ماراكەش دۇنيا خەۋەرلىرى» تورى قاتارلىق ئاخبارات تورلىرى «ماراكەشتە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى سوت قارارىنىڭ 20-فېۋرال راباتتىكى بىر سوت تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغانلىقى» ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر تارقاتقان.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، «ئىدرىس ھەسەن 2021-يىلى تۈركىيەدىن ماراكەشكە كەلگەندە ئىنتېرپولنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان، ماراكەش دائىرىلىرى ئۇنى دەسلەپتە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلغان، ئەمما 20-فېۋرال كۈنى راباتتىكى بىر سوت ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.»
خەۋەردە يەنە، ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى مىلۇد كاندىلنىڭ 20-فېۋرال كۈنى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا «ئىدرىس ھەسەننىڭ ماراكەشتىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئامېرىكاغا كەتكەنلىكىنى» نى دەلىللىگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدرىس ھەسەننى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەنلىكىدەك دېتاللار بايان قىلىنغان.
2021-يىلى 19-ئىيۇل ماراكەشتە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەن 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ قول تىقىشى بىلەن ئۇچ يېرىم يىللىق ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكاغا ساق سالامەت يېتىپ كەلگەن ئىدى. ماراكەش سوتىنىڭ ئۇ ماراكەشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنى 20-فېۋرال كۈنى ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارنى ئاغدۇرۇشى دىققەت قوزغىدى.