خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ تاقىلىپ، كۇرسانتلارنىڭ «جەمئىيەتكە قايتقانلىقى» نى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل «كەسپىي ماھارەت» مەركەزلىرىنىڭ پەرقلىق ناملاردا ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە 1590 نەپەر يەرلىك ئامما «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش» نامىدا يىغىۋېلىنغان. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 6-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە، ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 30-دېكابىر كۈنى مارالبېشى ناھىيەلىك «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» دە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ ناھىيەدىكى 1590 نەپەر يېزا ئەمگەك كۈچىگە قارىتا 2024-2025-يىللىق قىش پەسىللىك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى كۇرسى باشلانغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل كۇرسلار «يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كەسپىي ماھارەت سالمىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقى» نى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى بۇ كۇرسلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈدىغانلىقى، رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ ھەم سىستېمىلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا مۇتلەق كونتروللۇق يۈرگۈزۈشنىڭ قورالىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. «خىتاي خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، مۇراسىمدا مارالبېشى ناھىيەلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى سۆز قىلىپ، «بارلىق كۇرسانتلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىنى تۈزىتىپ، يۇقىرى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىشكە ئۆزىنى بېغىشلىشىنى، ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى، لېكسىيەلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى، ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ياردەم قىلىشى بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئىشلىرىڭلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ قايتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشكە قاتناشقان 1590 نەپەر كۇرسانتنىڭ ئۆگىنىدىغان دەرسى ۋە كەسپىي پەرقلىق بولۇپ، 30 ۋە 45 كۈنلۈك «كەسپىي تەربىيە» ئېلىشى كېرەك ئىكەن. خەۋەردە، ئۇلارغا توقۇمىچىلىق، كەپشەرلەش، چوڭ تىپلىق قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنى كونترول قىلىش قاتارلىق 13 تۈر بويىچە «كەسپىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
