تورداشلار ھۆكۈمەتنىڭ مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدىكى بايانلىرىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 23 - ئاپرېل مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتىشى ۋە رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى تورداشلار ئارىسىدا جىددىي ئىنكاس قوزغىغان.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە «خاراكتېر جەھەتتىن تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىدىن پەرقلىق بولۇشى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۆزى بەرگەن خەۋەرلىرىدىكى ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ مۈجىمەللىكى، ۋەقە ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىدىكى بىر - بىرىگە زىت بايانلار تورداشلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.

تورداشلارنىڭ بەزىلىرى، خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىنىڭ ئىشەنچىسىزلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بەزىلەر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە كىيىنىشىگە قارىتىلغان تۈرلۈك بېسىم ۋە چەكلىمىلەرنىڭ زىيادە كۈچىيىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىپ مۇشۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.