مارالبېشىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 22 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.10.19


رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 12 - ئۆكتەبىر مارالبېشىدىكى بىر بازاردا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 نەپەر ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 ئادەم ئۆلگەن، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 12 - ئۆكتەبىر 4 نەپەر ئۇيغۇر ياش موتسىكلىت بىلەن مارالبېشىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا خىتايلار سودا قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

بۇلاردىن ئىككىسى چارلىغۇچى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان بولسا، قالغان ئىككىسى بازاردىكى خىتايدا دۇكاندارلارغا ھۇجۇم قىلغان.

ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمچىلار پىچاق ۋە پارتلاتقۇچىلار بىلەن قوراللانغان ئىكەن.

ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىسى مارالبېشىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇلارمۇ ھۇجۇم جەريانىدا ئېتىۋېتىلگەن.

ھۇجۇمدا ئۆلگۈچىلەر ئارىسىدا ساقچىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.

تۇمشۇق ساقچىخانىسى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن بىڭتۇەنگە قاراشلىق تۇمشۇق شەھىرى 1 - دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ھالىتىگە ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.