ماركو رۇبىيو: «پىرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرماقچى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.02.27

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماركو رۇبىيو بۇ سۆزلەرنى يېقىندا ئامېرىكادىكى «برېيتبارت خەۋەرلىرى» (Breitbart News) نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كېلىشىم تۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، پىرېزىدېنت ترامپ مەزگىلىدە بىز بۇ ھەقتىكى چوڭ سودىلارنى كۆرىمىز».

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ۋە 150 تىن ئارتۇق دۆلەت قول قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى، ئۇزۇندىن بېرى گۇمان قوزغاپ كېلىۋاتاتتى. بولۇپمۇ بۇ قۇرۇلۇشقا ئەزا بولغان سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قەرز پاتقىقىغا پېتىپ، ئۆز پورتىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇشى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ «قەرز تۇزىقى» دەپ ئاتىلىشىغا سەۋەب بولغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو يۇقىرىقى گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ئالدىدا چۈشۈپ قېلىۋاتقان قىيىن ۋەزىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېگەن: «بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ يەر شارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ خىتاينىڭ مەبلىغىنى ئالغان ۋە خىتاينىڭ قەرزىگە پېتىپ، ئۇنىڭ شاپائىتىگە بېقىنىپ قالغان دۆلەتلەر بىلەن تولۇپ كېتىشى، بىزگە پايدىلىق ئەھۋال ئەمەس. . . بۇ قۇرۇلۇش ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. پىرېزىدېنت ترامپ مانا بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.»

ماركو رۇبىيو يەنە، بۇنىڭ پەقەت ئامېرىكانىڭلا ئارزۇسى ئەمەس، بەلكى يەنە ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ياپونىيە، كورېيە، فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئامېرىكانىڭ دۇنيا مەسىلىلىرىدە كۆپرەك ئاكتىپ بولۇشى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملىق ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ھىندىستان ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپاغا تۇتۇشىدىغان توشۇش لىنىيەسى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قۇرۇلۇش تۈرىدە ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەن ئىدى.

ئالدىنقى ئايدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا پانامانى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا پاناما خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.