ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو ئالما، نايىك، ئامازون، كوكا كولا قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتكەنلىكىنى تەنقىدلەپ، بۇ شىركەتلەرنى «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىگە ئامېرىكالىقلارنى شېرىك قىلىپ قويدى»، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى ياكى ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلەتكەن ياكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلەتتى، دەپ گۇمان قىلىنغان تەمىنلىگۈچىلەردىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رۇبىيو يىغىندا يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، بۇ شىركەتلەر ھەممىمىزنى بۇ جىنايەتكە شېرىك قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك كېڭەش پالاتاسى بىزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسىنى تېز ماقۇللاپ، مەجبۇرىي ئەمگەكتە ياكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىمىزغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەك مۇھىم».
ماركۇ رۇبىيو بۇ سۆزلەرنى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ 10-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرلەشمە گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئېيتقان. بۇ يىغىندا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى روشەن ئابباس گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.